ھازىر «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» پېچەتلىك ماللار بازار تاپماقتا

«ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» پېچەتلىك يېڭى پاسوندىكى كىيىملەر ھازىر ئامېرىكىدا ئىستېمالچىلار ئارزۇلايدىغان مال بولۇپ قالدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» پېچەتلىك يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرنى ئىشلەشتە داڭ چىقىرىۋاتقان جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونىدىكى «يېڭى پاسون جەمئىيىتى» گە ئەزا شىركەتلەر يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئىشچى سانى ھازىر 150 مىڭدىن ئاشتى. بۇ جەمئىيەت ئىشلىگەن ماللار ھازىر پاسونىنىڭ يېڭىلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى بىلەن باشقا دۆلەتلەردىمۇ بازار تاپماقتا.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى كىيىم شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى بىر-بىرلەپ باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئەمگەك كۈچى ئەرزان، مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى تۆۋەن توختايدىغان خىتايغا يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىمۇ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىپ قالغان ئىدى. ئىشچىلار ھازىر خىتاينىڭ خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىغا ۋە پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن بىزار بولدى.

ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ چەتئەللەردىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بازىرى قايتىدىن گۈللىنىشكە ۋە «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» پېچەتلىك ماللار چەتئەللەردىمۇ بازار تېپىشقا باشلىدى.