ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا «خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشىغا ياردەم قىلدى» دېدى.

پانېتتا مۇخبىرلارغا بۇ مەسىلىگە ئائىت ئۇچۇرلار سەزگۈر بولغانلىقتىن تەپسىلاتىنى تولۇق ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇ ئەسكەرتىپ: «خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل» دېدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە توشۇغۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ئوخشايدىغانلىقى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ تېخنىكىنى خىتاي تەمىنلىدىمۇ، دەيدىغان سوئالنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي پەيشەنبە كۈنى بۇنى رەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ھەرقانداق دۆلەتنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادرو ۋە ئىلغار قوراللار تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىشى چەكلەنگەن. ئەگەر خىتاينىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، بۇ ب د ت نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئەگەر بۇ ئىسپاتلانسا، مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ» دېدى. تۈنۈگۈن ب د ت مۇ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.