ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى: ئىران ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دېڭىز ئارمىيىسىگە رىقابەت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ'

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ ھەرخىل ھۇجۇم قوراللىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دېڭىز ئارمىيىسىگە رىقابەت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس بۇ پىكىرلەرنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئىلگىرى سۈرگەن. نەقىل قىلىشىچە، گېيتىس : " ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، پاراخوتقا قارشى بومبا، مىنا ۋە تىز سۈرئەتلىك ھەربىي كارتىرلىرى بىلەن بىزنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچىمىزگە رىقابەت ئېلان قىلدى" دېگەن.

گېيتىسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەخمەدىنىجاد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابىدا بۈگۈندىن باشلاپ " يادرو قوراللىرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كېلىشىمنامىسى" گە قاراپ چىقىش باشلاندى. بۇ يىغىن بىر ئاي داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇشىغا قارشى بولۇپ، ئۇلار ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ كەلمەكتە ئىدى.