خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى بوب دىلاننىڭ خىتايدا ئويۇن قويۇشىغا رۇخسەت بەرمىدى

ئامېرىكا ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى، 68 ياشلىق بوب دىلاننىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ئويۇن قويۇش پىلانى خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن مەزكۇر مۇزىكانت ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان ئويۇن قويۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

"كۈندىلىك تېلېگراف"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوب دىلان يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ئويۇن قويماقچى بولغان.

بوب دىلاننىڭ خىتايدا ناخشا ئېيتىش پىلانىنىڭ رەت قىلىشقا ئۇچرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاي، ئىسلاندىيە چولپىنى بىيورك شاڭخەيدە ناخشا ئېيتىش جەريانىدا تىبەتنى قوللايدىغان شوئار توۋلىغاندىن كېيىن غەرب سەنئەتكارلىرىنىڭ خىتايدا ئويۇن قويۇشىغا نىسبەتەن سەزگۈرلىشىپ كەتكەن.

مەتبۇئاتلارنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا چولپىنى بوب دىلاننىڭ 60 - يىللاردا ئىجاد قىلغان بىر قانچە ناخشىلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىدىيىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر ناخشىلار تاكى ھازىرغىچە ئېيتىلماقتا. بوب دىلاننىڭ ئىجادىيەتلىرىدە بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ ئەكىس ئېتىشى خىتاينى ئەندىشىلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەتبۇئات - سۆز ئەركىنلىكى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىختىلاپلار كۈچەيگەن ئىدى.