ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى روبېرت بلەيك 15 - يانۋار كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلايدۇ. ئۇ سەپەرنىڭ بىرىنچى بېكىتى سۈپىتىدە تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، تۈركمەنىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەم باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبېرت بلەيك ئارقىدىن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، 17 - يانۋار كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكا - قىرغىزىستان ھەمكارلىقلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ئامېرىكا ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ماناس ئايرودرومىدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ترانزىت مەركىزىي داۋاملىق ئىش ئېلىپ بارماقتا.

رۇسىيىنىڭ رېگنۇم تورىنىڭ يېزىشىچە، روبېرت بلەيك قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە، ئىقتىساد ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىراق، روبېرت بلەيكنىڭ سەپىرىدە ئۆزبېكىستان ئورۇن ئالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىراق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىقلىرىمۇ بۇرۇنقىدىن ئاكتىپلاشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىلارى كلىنتون تاشكەنتنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئىختىلاپلار پەيدا بولدى ھەمدە ئۆزبېكىستان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن رەسمىي يوسۇندا چىقىپ كەتتى.