ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت بلېيك سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ھەپتىدە تاشكەنتتە زىيارەتتە بولغان ئىدى.
روبېرت بلېيك يەنە بۇ يىل قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەمدە ئوشتىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بىشكەك ۋە تاشكەنتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ھەم ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، رايوندىكى مۇقىملىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.
روبېرت بلېيك سۆزىدە ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بىلەن بەش ساھەدە ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇ ئافغانىستاندىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە ھەربىي كۈچلەرگە ياردەم بېرىشتە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پايدىلىنىش، ئېنېرگېتىكا مەنبەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تەمىنات يۆنىلىشلىرىنى كۆپخىللاشتۇرۇش، ئىنسان ھوقۇقى ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى كۈچەيتىش، رايوننى بازار ئىقتىسادىغا دەۋەت قىلىش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىراق، ئۇ ھەمكارلىق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجتۇلۇقىنى تەكىتلىگەن.
