ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرمايدۇ

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر تارقىتىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى رىچارد خولبرۇك ئۆزىنىڭ مەركىزىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئافغانىستان، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھەمدە قازاقىستانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا، قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا يېتىپ كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلان قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.02.21

"ئۆزبېكىستان بىزنىڭ ئافغانىستانغا يۈك توشۇش ئۈچۈن ئۆتۈشىمىزگە ناھايىتى قىممەتلىك ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىراق بۇ يەردە بازا قۇرۇلمايدۇ" دەيدۇ خولبرۇك. ئۇنىڭ بۇ سۆزى، ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات ساۋدابايېۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قازاقىستان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
 
خولبرۇك يەنە، "قىرغىزىستاندىكى ماناس بازىسىدا بىزنىڭ مۇھىم يەتكۈزۈش مەركىزىمىز بار. بۇ مەركەز ئافغانىستاندىن يۈك توشۇش ۋە ئافغانىستانغا يۈك يەتكۈزۈش ئىشىنى قىلىدۇ، بىز بىشكەكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياردىمىدىن ناھايىتى رازى" دەيدۇ.

ئەسلىدە 2001 - يىلى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى قارشى - خان ئابادتا ھەربىي بازا قۇرغان ھەمدە بۇ جايغا مىڭدىن ئوشۇق ھەربىي خادىم ۋە ھەر خىل ئايرۇپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاشنگتوننىڭ تاشكەنتنى تەنقىد قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاشكەنتنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىپ، نەتىجىدە، ئۆزبېكىستاننىڭ تەلىپى بويىچە ئامېرىكا بازىسى تاقالغان ئىدى. بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا قايتا ھەربىي بازا قۇرۇشى ھەققىدە ھەر خىل سۆزلەر تارقالغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.