"ئۆزبېكىستان بىزنىڭ ئافغانىستانغا يۈك توشۇش ئۈچۈن ئۆتۈشىمىزگە ناھايىتى قىممەتلىك ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىراق بۇ يەردە بازا قۇرۇلمايدۇ" دەيدۇ خولبرۇك. ئۇنىڭ بۇ سۆزى، ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات ساۋدابايېۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قازاقىستان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
خولبرۇك يەنە، "قىرغىزىستاندىكى ماناس بازىسىدا بىزنىڭ مۇھىم يەتكۈزۈش مەركىزىمىز بار. بۇ مەركەز ئافغانىستاندىن يۈك توشۇش ۋە ئافغانىستانغا يۈك يەتكۈزۈش ئىشىنى قىلىدۇ، بىز بىشكەكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياردىمىدىن ناھايىتى رازى" دەيدۇ.
ئەسلىدە 2001 - يىلى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى قارشى - خان ئابادتا ھەربىي بازا قۇرغان ھەمدە بۇ جايغا مىڭدىن ئوشۇق ھەربىي خادىم ۋە ھەر خىل ئايرۇپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاشنگتوننىڭ تاشكەنتنى تەنقىد قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاشكەنتنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىپ، نەتىجىدە، ئۆزبېكىستاننىڭ تەلىپى بويىچە ئامېرىكا بازىسى تاقالغان ئىدى. بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا قايتا ھەربىي بازا قۇرۇشى ھەققىدە ھەر خىل سۆزلەر تارقالغان.