گىلانى: بىز ئامېرىكىغا بويۇن ئەگمەيمىز

بۈگۈن پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ گىلانى ئامېرىكا بىلەن بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەمەلدارلىرىنى دەرھال جىددىي يىغىنغا چاقىرغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىلانى يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئۈچۈن پاكىستاننى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى ئاساسسىز دەپ كۆرسەتكەن ۋە «پاكىستان ئامېرىكىغا ھەرگىز بويۇن ئەگمەيدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى باش شتاب باشلىقى، ئادېمېرال مايىك مۇللىن يېقىندا «ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەققانىي تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان بىلەن مۇھىم باغلىنىشى بار» دېگەن ئىدى.

مايك مۇللىنىڭ بۇ سۆزى ئەلقائىدە لىدىرى بىن لادىن پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن بېرى باشلانغان ئۆز-ئارا ئەيىبلەشلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.

پاكىستاندىكى بەزى گۇرۇپپىلار مايىك مۇللېننىڭ سۆزلىرىنى ئۇرۇش تەھدىتى دەپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا.

ئامېرىكا پاكىستاننىڭ، يېقىندا ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ھەققانىي تەشكىلاتىنى قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستاندا بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، ھەربىي ۋە ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.