ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى كازافىيغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قارار ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا، لىۋىيىدە ناتونىڭ بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئىجازەت بەردى. ئەمما بۇ ئىجازەت قۇرۇقلۇقتىن ئەسكەر كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بويىچە لىۋىيىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئەگەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىسە، قانۇنسىز ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
