ئامېرىكا پرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەمياد مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ، 2 - قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىنمۇ قەسەم قىلىپ، 2 - نۆۋەتلىك مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.


مۇراسىم قائىدىسى بويىچە ئوباما ۋە بايدىن ئارلىڭتون شەھەرچىسىدىكى دۆلەتلىك قەبرىستانلىققا بېرىپ، ۋەتەن قۇربانلىرىغا تەزىيە ۋە ھۆرمەت بىلدۈردى.

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇراسىم پەقەت ئاق سارايدا تار دائىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى، 21 - يانۋار كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت كۈنى سۇپىتىدە خاتىرلىنىدۇ ھەمدە ئوبامانىڭ 2 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوباما بۇنىڭدىن تۆت يىلى ئىلگىرى بىرىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولغان كۈنىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خاتىرە مۇنارى مەيداندىكى چۆپلۈككە 200 مىڭ ئادەمنىڭ كېلىپ، ئۇنى تەنتەنە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.