30 - سېنتەبىر كۈنى «نىئۇيورك ۋاقتى»گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق سىياسەت قوللانغانلىقىنى شەرھىلىدى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلى، ئوباما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سېئۇلدا كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقى، ئەگەر ئۇنداق قىلىنمىغاندا ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ماقالىدە يەنە ئوبامانىڭ تىنچ ئوكيان - ئاسىيا رايونى سىياسىتىدە خىتايغا نىسبەتەن قورشاۋ پەيدا قىلغانلىقى ۋە باشقا كۆپلىگەن تەرەپلەر كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەربابلىرى، جۈملىدىن پرېزىدېنت نامزاتى رومنەي ئوبامانى خىتايغا يۇمشاق سىياسەت قوللانغانلىقى بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى. خىتاي سىياسىتى ئىككى پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ مۇنازىرسىدىن ئورۇن ئېلىشى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.