ئامېرىكا قازاقىستاننى كوزلوفنىڭ داۋاسىدا ئادىل بولۇشقا چاقىردى

قازاقىستان سوتى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان تونۇلغان ئۆكتىچى سىياسەتچى، ئالغا پارتىيىسىنىڭ لىدىرى ۋىلادىمىز كوزلوفنىڭ سوتى پەيشەنبە كۈنى ئاستانادا باشلانغان.

سوت مەيدانى كوزلوفنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن قوللىغۇچىلار بىلەن لىق تولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاق دائىرىلىرى كوزلوفنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا قازاقىستاننىڭ نېفىت شەھىرى جاناۋزېندە 15 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەگەر سوت ئۇنىڭغا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتىنى بېكىتسە، ئۇ 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوزلوف سوتتا بۇ ئەيىبلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇ، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىيالىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاندا سوتچى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، سوتچىنىڭ قارارى مەيداندىكىلەرنى نارازى قىلغان. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى مۇخبىرلارغا سوتنىڭ كوزلوفنىڭ جازاسىنى ئاللىقاچان بېكىتىپ بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئادىل بىر سوت بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت بلەيك بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قازاقىستاننىڭ بۇنداق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەسئۇلىيەتچان بولۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بلەيك بۇ سوتنىڭ قازاقىستان دېموكراتىيىسى ئۈچۈن بىر ئىمتىھانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قازاقىستاننى سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.