ئامېرىكا قىرغىزىستانغا 49 مىليون دوللار ياردەم بەرمەكچى

ئالدىنقى كۈنى بېشكەكتە ئېچىلغان قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا، ئامېرىكا قىرغىزىستانغا 49 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر يىغىن دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە قىرغىزىستان دۆلەت ئاپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر يىغىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر قىرغىزىستانغا جەمئىي 1مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇ پۇل بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنۈپ، بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە بېرىلمەكچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.30

ئامېرىكا ئوش ۋە جالالئابادتا ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا، مۇساپىرلار ئۈچۈن جەمىي 4 مىليون دوللار ياردەم قىلغان ئىدى. ئامېرىكا بۇ قېتىم بېرىدىغان 49 مىليون دوللارنى ئاساسلىقى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تولۇق كۆزىتىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.