بەش بۇرجەكلىك بىنا يەر ئاستى ئىستىھكاملارغا زەربە بېرەلەيدىغان بومبىلارنى كۆپەيتمەكچى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، يەر ئاستى ئىستىھكاملىرىغا زەر بېرىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تىزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان يەر ئاستى يادرو ئەسلىھەلىرى، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا يەر ئاستىدىكى ئىستىھكاملارغا زەربە بېرەلەيدىغان بومبىلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن مەبلەغ كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى مەزكۇر بومبىلارنىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يەر ئاستى يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى رەت قىلغان.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى برايىن ۋىليام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 68 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر پۇل تەستىقلانسا بۇلاردىن بىر نەچچىنى ئىشلەپچىقىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەر ئاستى ئىستىھكامىغا زەربە بەرگۈچى بومبا 30 مىڭ قاداق ئېغىرلىقتا بولۇپ، 5300 قاداق پارتلاتقۇچ قاچىلىنىدىكەن.

ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى.