رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ «قالقان سىستېمىغا» ھۇجۇم قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە دائىرىلىرى بۈگۈن ئەگەر ئامېرىكا ئوتتۇرا ياۋروپادا «باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى» قۇرۇلۇشىنى باشلىسا، ئۇنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەمما، ئامېرىكا ۋە ناتو بۇنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىراندىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ناتو رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى رۇسىيىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە باشلىغان. ئەمما رۇسىيە دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناتونىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئالېكساندىر ۋېرىشبوۋ رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم خاتا كۆز قاراشلار سەۋەبىدىن قارشى پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇ قالقان سىستېمىسىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلمىغانلىقى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا 2000-يىلى پولشىدىن چېخ جۇمھۇرىيىتىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىدە ھازىرغىچە بىرلىك ھاسىل قىلالماي كەلمەكتە.