ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەربىي قوراللارنى ئازايتىش ئۈچۈن يېڭىدىن سۆھبەت باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بۇيىل ئاخىرىدا ۋاقتى توشىدىغان 'ستېراتېگىيىلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمى' نىڭ ئورنىغا قويىدىغان بىر يېڭى كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن دەرھال سۆھبەت باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.01

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋېدېىف بۇ قارارىنى 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىدا ئېلان قىلدى. ھەر ئىككىسى بۇ يېڭى كېلىشىمنى بۇيىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا كېلىشتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر رۇسىيە خەلقئارا سەھنىدە چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇنىڭغا شارائىت تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭىچە تەبىر بېرىلىۋاتىدۇ.

گەرچە ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقىدەك يېڭىچە مۇناسىۋىتى دېپلوماتىيە جەھەتتىن سىرتقا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، خۇددى گروزىيە مەسىلىسىدەك ئىختىلاپلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا تۈگەپ كېتىشى ناتايىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.