ئامېرىكا - رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى پات يېقىندا پراگادا ئىمزالىنىدۇ

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللارنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە ئاساسەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، خەۋەرلەردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋىدېۋنىڭ ئالدىمىزدىكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پراگادا ئۇچرىشىپ، ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللارنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى يېڭى شەرتنامىغا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ شەرتنامە يەر شارىدىكى يادرو تەھدىتىنى ئازايتىپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاقساراي پرېزىدېنت ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنت مېدۋىدېۋنىڭ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە تېلېفوندا سۆزلىشىپ، يادرو قوراللار شەرتنامىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى شەرتنامە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1991 - يىلى ئىمزالانغان ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش شەرتنامىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ. 1991 - يىلى ئىمزالانغان مەزكۇر شەرتنامىنىڭ مۇددىتى بۇ يىل 12 - ئايدا توشاتتى. بۇ شەرتنامىدا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىستراتېگىيىلىك يادرو ئوق بېشىنىڭ سانىنى 1700 بىلەن 2200 ئارىسىدا ساقلاپ قېلىش تەلەپ قىلىنغان. يېڭى شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەردە، يېڭى شەرتنامىدە ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئوق بېشىنى 1500 ئەتراپىغا چۈشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئانالىزچىلار، بۇ شەرتنامە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 2009 - يىلى 4 - ئايدا دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.