ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى داۋالىنىش ئىسلاھاتىغا ئائىت قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى شەنبە كۈنى، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان داۋالىنىش ئىسلاھات پىلانىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا 215 قارشى ئاۋازنى 220 قوللاش ئاۋاز بىلەن يېڭىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىغا ئائىت قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلدى.

ئەمدىكى نۆۋەت بۇ لايىھە كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈش بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى پالاتادىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي قانۇن بولۇپ ئەمەلىيلىشىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، داۋالىنىش ئىسلاھاتىغا ئائىت قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنىشى مەزكۇر لايىھىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ لايىھىسىگە دېموكراتىك پارتىيىگە مەنسۇپ 219 ئەزا ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان بىر ئەزا قوللىغان.

ئەگەر بۇ لايىھە رەسمىي يۈرگۈزۈلسە، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بولىدىكەن ھەمدە ھۆكۈمەتمۇ سالامەتلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى قۇرىدىكەن ھەمدە ئەسلىدىن مەۋجۇت بولۇۋاتقان سالامەتلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىكەن.