ئامېرىكىدا ئەمدى ھەر ئىككى پارتىيە بىردىن پالاتادا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ

تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت مەجلىسى ۋە شىتات باشلىقلىرى سايلىمىدا، بىر كۈنلۈك بېلەت تاشلاش نەتىجىسى كەچتە ھېسابلىنىپ چىقتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى پارتىيە بىردىن پالاتادا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

بۇ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىنى يېتەكلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 2008‏ - يىلىدىن بۇيان ھەر ئىككى پالاتاغا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتلار، گەرچە بۇ قېتىمقى سايلامدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كېڭەش پالاتاسىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ساقلاپ قالدى.

بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت مەجلىسى ۋە شىتات باشلىقلىرى سايلىمى جەريانىدا ئىجات قىلىنغان 'چايچىلار ھەرىكىتى' دە، فلورىدا شىتاتىدا خەلق ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان سىياسى چولپان ‏ -‏ كۇبالىق ئامېرىكا پۇقراسى ماركو رۇبىئو كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولدى. تېگى ھىندىستانلىق سىكلاردىن نىككى خالېي جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ باشلىقى بولدى.

ئامېرىكىدىكى سايلاملاردا يەتمىش يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋام پالاتا باشلىقى جوھن بوھنېر، سابىق ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسى پلوۋسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا قالدۇرۇلغانلىقىنى 'بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى رەت قىلغانلىقى، ھوقۇقىنى چوڭلىتىۋالغان ھۆكۈمەتنى رەت قىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدىغان سىياسىيونلار نى رەت قىلغانلىقى' دەپ جاكارلىدى.