ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى قايتىدىن تېررورچىلىقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى مۇمكىن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى قايتىدىن تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-06-07
Share

ھىلارى خانىم بۇ سۆزىنى ئامېرىكىدىكى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى ئەسلىھەلىرىنى بىكار قىلىش ھەمدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا شىم ئالىي كورىيىنى تېررورچىلىقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىئە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدى. بىراق، بۇ يىل 4 - ئايدا شىمالىي كورىيە 2 - قېتىم يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ باردى ھەمدە جەنۇبىي كورىيىگە نىسبەتەن ھەربىي تەھدىد سالغان.

پىيوڭياڭنىڭ يادرو سىنىقى، ياپونىيە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شىمالىي كورىيىنى تېررورچىلىقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە پرېزىدېنت ئوباماغا تەكلىپ بەرگەن ئىدى.

ياپونىيە تەرەپمۇ بدت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن شىمالىي كورىيىنىڭ قىلمىشىغا نىسبەتەن قاتتىق چارە قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت