ھىلارى خانىم بۇ سۆزىنى ئامېرىكىدىكى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى ئەسلىھەلىرىنى بىكار قىلىش ھەمدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا شىم ئالىي كورىيىنى تېررورچىلىقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىئە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدى. بىراق، بۇ يىل 4 - ئايدا شىمالىي كورىيە 2 - قېتىم يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ باردى ھەمدە جەنۇبىي كورىيىگە نىسبەتەن ھەربىي تەھدىد سالغان.
پىيوڭياڭنىڭ يادرو سىنىقى، ياپونىيە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شىمالىي كورىيىنى تېررورچىلىقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە پرېزىدېنت ئوباماغا تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
ياپونىيە تەرەپمۇ بدت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن شىمالىي كورىيىنىڭ قىلمىشىغا نىسبەتەن قاتتىق چارە قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.