ئەكسىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئادۋوكاتى گرېگورى گاررىې بۇش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فېدېرال سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئۇربىنا 7 - ئۆكتەبىردىكى سوت قارارىدا بۇش ھۆكۈمىتىنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە ئاساسەن،ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ قويغان ئىدى.
فېدېرال ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى سوتىدا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا ھۆكۈم چىقىرىلمىدى. تەرەپلەر كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توغرا قارار ئېلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.
ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ئاخباراتلىرى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگە مۇھىم ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە. خەۋەرلەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خۇددى ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى شەرھىيلەنمەكتە. كۆزەتچىلەر بولۇپمۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس دەپ ئاقلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ پاناھلىنىدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق گۇئانتانامودا تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ھەقسىزلىق دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.