ئامېرىكا سوتى گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان ئاخىرقى 5 ئۇيغۇرنىڭ ئەرز - شىكايىتىنى ئاڭلايدۇ

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى بىر فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 22 ‏ - ئاپرېل كۈنى سوت ئېچىپ، گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان ئاخىرقى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش توغرىسىدىكى ئەرز - شىكايىتىنى ئاڭلايدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 3 كىشىلىك ئوتتۇرا سوت كوللېگىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى 22‏ - چېسلا سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزى - شىكايىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى بۇيرۇغان.

2001 - يىلى ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنىپ، گۈەنتاناموغا سولانغان 22 نەپەر ئۇيغۇردىن نۆۋەتتە گۈەنتانامودا 5 كىشىلا قالدى. قالغان 17 كىشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالبانىيە، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ ۋە بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان ئاخىرقى بۇ 5 ئۇيغۇر تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلار ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋاشىنگتوندىكى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان. 22‏ - چېسلا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوت ئۇلارنىڭ بۇ ئەرزىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى بىر فېدېرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2008 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن 2009‏ - يىلى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى رايونلۇق سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىيارىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.