ئامېرىكا سۈرىيە خەلقىگە يەنە 155 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيىلىك مۇساپىرلارغا يەنە 155 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئوباما بۈگۈن ئاقسارايدىن بەرگەن باياناتىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ياردەم پىلانىنى رەسمىي ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوباما ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان بارلىق چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلماي، ئۆز خەلقىنى بالىلارنى، ئاياللارنى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىمۇ سۈرىيە خەلقىگە 10 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سۈرىيىدىكى كرىزىس باشلانغاندىن بۇيان 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى. رايوندا توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر سۈرىيىدە 4 مىليون كىشى ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ۋەزىيەتتە ياشىماقتا.