ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋىكتورىيا نۇلاند بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، دەمەشىقتە توقۇنۇشنىڭ تىركىشىشى، جۈملىدىن 23-دېكابىر ۋە 6-يانۋار كۈنلىرى يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەلىرى ھەمدە ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەلىپىگە سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ قۇلاق سالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى، ئەلچىخانىنىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتتى.
باياناتچى يەنە ئەلچىخانا تاقالغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيىدە ئىسيان كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئامېرىكا باش ئەلچىسى روبېرد فورت، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى باشتىن-ئاخىر ئاشكارا تەنقىدلەپ كەلگەن دىپلوماتلاردىن بىرى؛ ئۇ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئىسيانچىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.
روبېرت بۇ سەۋەبتىن، بەشەر ئەساد ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە، ھەتتا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن.
ABC نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىر قىسمى ھاۋا يولى بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچقان؛ بىر قىسمى بولسا ئىئوردانىيىگە قۇرۇقلۇق بىلەن يېتىپ بارغان.
ئامېرىكىنىڭ دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىشى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى رەت ئاۋازى دۇنيادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۈگۈن فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە دۆلەت رەھبەرلىرى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ب د ت نىڭ سۈرىيە پىلانىغا قارشى توسقۇنلۇقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ تەنقىد قىلدى.