بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، باش ئەلچى روبېرت فورتنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بىلەن قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ دىپلوماتىك بىر مەنىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
باش ئەلچى روبېرت فورد سۈرىيىدە نامايىش باشلانغاندىن بۇيان، ئۆكتىچىلەرنى قىزغىن قوللاپ كەلگەن. ئۇ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا بەشەر ئەسەد تەرەپدارلىرىنىڭ تۇخۇم ۋە پەمىدۇر قاتارلىق جىسىملار بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە يەنە سۈرىيە ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا ئۆلگەن بىر ئۆكتىچى زاتنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغىمۇ قاتناشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپ قېتىم، ئەندىشىلىنەرلىك دەرىجىدە تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەمما تەھدىتلەرنىڭ كونكرېت قانداق ھالدا قايسى خىل تەھدىت ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بۈگۈنكى باياناتىدا، باش ئەلچى روبېرت فوردنىڭ سۈرىيىگە قايتىپ كېلىش ۋاقتىنى، سۈرىيىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىش ۋاقتىغا باغلىق دەپ ئىزاھات بەرگەن.