ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى روبېرت فورد 6-دېكابىر سۈرىيىگە قايتتى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى باش ئەلچىسى روبېرت فورد سۈرىيىدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىققە قايتىپ بارغان.

باش ئەلچى روبېرت فورد، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ياز پەسلىدە باشلانغان سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشىنى قوللاپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، سۈرىيىدىكى بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ تۇخۇم ھەم پەمىدۇر ئېتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان ھەم بۇ يىل 10-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرىيىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىدى.