تاجىكىستان پرېزىدېنتى تاجىكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن خەۋپسىزلىك ۋە باشقا جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېنېرال ماتتىس تاجىكىستاننىڭ NATO نىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاننىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئىزچىل ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېنېرال ماتتىس يازما باياناتىدا: بۇ خىلىدىكى ھەمكارلىق بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ ھەمدە 2014 - يىلى خەلقئارالىق بىرلەشمە ئارمىيە ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دېگەن.
تاجىكىستان 2009 - يىلى NATO قىسىملىرىنىڭ بەزى ياردەم ئەشيالىرىنى تاجىكىستان ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلغان ئىدى.
گېنېرال ماتتىس پەيشەنبە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن جۈمە كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيە 2014 - يىلى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا بىر قىسىم ئەسكىرى كۈچىنى ئافغانىستاندا قالدۇرۇپ قويۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.