بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىر "ئالتۇن كۆزەينەكلىك يىلان 2010" دەپ ئاتالغان. بۇ خىلدىكى مانېۋىر بۇ يىل 29 - يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، مانېۋىر 1 - فېۋرال ئەتىگەندە تايلاندنىڭ رايۇڭ ئۆلكىسىدە باشلاندى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرغا ئامېرىكا، ياپونىيە، تايلاند، سىنگاپور، ھىندونېزىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن جەمئىي 14 مىڭ 73 نەپەر ئەسكىرىي خادىم قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەنۇبىي كورىيىنىڭ مەزكۇر مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئەرك جون، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ يۇقىرىقى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىلىرىگە ماس ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مەزكۇر مانېۋىرنى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرى دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىرغا ئامېرىكا 8 مىڭ 741 نەپەر، تايلاند 4 مىڭ 985 نەپەر، سىنگاپور 140 نەپەر، ياپونىيە 108 نەپەر ۋە ھىندونېزىيە 95 نەپەر ئەسكەر قاتناشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 20 دىن ئارتۇق دۆلەت كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتناشقان. مانېۋىر 1 - فېۋرالدىن 11 - فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.