ئامېرىكا گېنېرالى پېتراۋسكىنىڭ بۇلتۇر ئىمزا قويغان ئالاھىدە ھەرىكەت بۇيرۇقى ئاشكارىلاندى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بەش بۈرجەكلىك بىنا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەخپىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە چىقارغان بۇيرۇقنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال پېتراۋسكى بۇلتۇر 9‏ - ئايدا ئىمزا قويغان بىر بۇيرۇقنىڭ كوپى نۇسخىسىنى نيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كۆرگەن.

بۇ بۇيرۇقتا، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوتتۇرا شەرقتە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دوست ۋە دۈشمەن دۆلەتلەر ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ئەل -قائىدىچىلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ تار - مار قىلىش، بۇنداق مەخپىي ھەربىي ھەرىكەتلەرنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نىشانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نىشانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەخپىي ھەرىكەتلىرى ھازىر بارغانسېرى كۆچەيتىلىۋاتىدۇ.