تەيۋەن دائىرىلىرى بۇ يىل باھاردا ئامېرىكىدىن 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 66 دانە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارمۇ بار ئىدى.
ئوباما دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى كۆزدە تۇرۇپ، ھازىرغىچە تەيۋەننىڭ بۇ تەلىپىگە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن ۋە ئاخىرقى قارارنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون كورنين بۇ يىل ئۆكتەبىر ياكى نويابىردا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېڭى بىر مۇداپىئە قانۇنىي تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە يول چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقى بولسىمۇ، مەزكۇر يېڭى قانۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئوبامانىڭ ئامالسىز قالىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ 1979-يىلدىكى «تەيۋەن مۇناسىۋەتلەر قانۇنى» غا ئاساسەن ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ۋە زۆرۈر ھەربىي ياردەملەرنى بېرىش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە ئىدى.