ئامېرىكا ئەمدى تەيۋەنگە ئىلغار رادار سىستېمىسى سېتىپ بەرمەكچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمدى ئۆزىنىڭ قانۇنى بۇيىچە، تەيۋەننىڭ ھاۋا ئارمىيىسىگە ئىلغار رادار سىستېمىسى سېتىپ بەرمەكچى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلېيىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا سېتىپ بېرىدىغان ھەربىي ئەشيالار تەيۋەننىڭ يەرلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنى قوراللاندۇرىدىغان ئىلغار رادار سىستېمىسى مۇداپىئە مۇلازىمىتى، تېخنىكىلىق ئۇچۇر ۋە زۆرۈر سەپلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەمما، ئۇ باياناتىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرى تەيۋەننىڭ بۇ سىستېمىنى قوللىنىشىنى كۆزىتىشكە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، 1949 ‏- يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن بۆلۈنۈپ چىققان تەيۋەننى 66 دانە ف ‏ -16 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغان ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.