فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يۇ سىزۇ: " بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ئامېرىكىدىن كالىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە قىيما قىلىنغان كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارى ئالىدىكەن.
تەيبېيدە چىقىدىغان "ھۆرلۈك ۋاقىت گېزىتى"دە نەقىل قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكىنىڭ جازا خاراكتېرلىك ۋاسىتىلەرنى پەقەت سودا ساھەسىگىلا قارىتىپ، قورال سېتىپ بېرىشنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قورال تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتايغا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما، بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىشنى يەنە داۋاملاشتۇرسا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنە يىرىكلىشىدۇ دەپ قارىماقتا.