'ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ'

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى Raymond Burghard بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئاق ساراي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدا ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق قورال سېتىپ بېرىشنىڭ كونكرېت ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

2008 ‏- يىلى 10 - ئايدا بۇش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 5.6 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ بۇنىڭغا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى توڭلۇتۇپ قويغان؛ پەقەت پەقەت ھىللاري كىلىنتون خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقە ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ خادىملىرىدىن Robert Kowac ئاق ساراينىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ھەققىدە بىر تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا بۇ پلاننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەتبۇئاتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر پلاننىڭ پات يېقىندا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى يەنە بىر قېتىم توختىتىپ قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئامېرىكا‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر تېمىلاردىن بىرىدۇر.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى "ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋەدىسىنى بۇزغانلىق" دەپ قارىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى، 1979 - يىلى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىكى تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.