بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى كوماندىرى روبېرت ۋىللارد ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېقىندىن بېرى رۇسىيىدىن سېتىۋالغان 160 كىلومېتىر مۇساپىلىك يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كۆپەيتكەنلىكى بۇ بومبىلارنىڭ تەيۋەنگە قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، ۋىللارد ئەپەندى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى تېپىلسا قورال كۈچى ئىشلىتىپ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئارزۇسىدىن يانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىل يانۋاردا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەنگە 6.4 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ئەتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك كۆرۈنگەن ئىدى.
ۋىللارد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغان.