روبېرت گېيتىس: 'خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك'

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس شەنبە كۈنى سىنگاپوردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەتنامە قىلدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاسىيا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى توختاتقان ئىدى.

روبېرت گېيتىس شەنبە كۈندىكى سۆزىدە، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "30 يىلدىن كېيىن نورماللاشتۇرۇلغان ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ."

روبېرت گېيتىس يەنە، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەربىي ئالاقىنىڭ كەم بولۇشى ھەرخىل ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە "ئالاقىدە خاتالىق كۆرۈنۈش، خاتا چۈشىنىپ قېلىشى ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچلىك ھەربىي ئالاقە ساقلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

روبېرت گېيتىس، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تالاش - تارتىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى، دىققىتىمىز بارغانچە ئېغىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. بۇ دېڭىز، مەزكۇر دېڭىز بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرگە مۇھىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئاسىيادا ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بار دۆلەتلەرگىمۇ مۇھىم."

روبېرت گېيتىس ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزىدا "مۇقىم، ئەركىن يۈرۈش، ۋە توسالغۇسىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى" ساقلاشنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، سىنگاپوردا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا ئەللىرى مىنىستىرلار يىغىنىغا خىتاي تەرەپ بىر تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەتكەن.