ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پوسنېر ئەپەندى خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇلاند مۇنداق دېدى: بىز تىبەتتىكى ئەكس تەسىر بېرىۋاتقان سىياسەتلەرگە ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك، سۆز پىكرى ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش - جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.
ھالبۇكى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پوسنېر بىلەن كۆرۈشكەن تىبەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇچرىشىشنىڭ قاچان، قەيەردە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
پەقەت 11 - ئايدىلا خىتايغا نارازلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەرنىڭ سانى 20 دىن ئاشقان ئىدى.