ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتنى زىيارەت قىلماقچى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 10 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتنى زىيارەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆمەك بۇ ھەپتە تىبەتكە قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2008 - يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن "14 - مارت لخاسا ۋەقەسى" دىن كېيىن ، تۇنجى قېتىم تىبەتنى زىيارەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشىشى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، " 14 - مارت لخاسا ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئىچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ساياھەت تەرتىپى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ تىبەتتە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى يوق دېيەرلىك ئىكەن.

تىبەت ھەرىكىتى ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى تود ستەيننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىبەت ھەققىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

2008 - يىلى 14 - مارت تىبەت پايتەختى لخاسادا خىتايغا قارىشى نامايىش پارتلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن، چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ تىبەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.