قاراردا يەنە، ئامېرىكا پرىزىدېنتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كونسىيىگە يوليورۇق بېرىپ،ھەر قايسى ئورگانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ تىبەت ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
قارارنامىدا يەنە، ئامېرىكا لاسادا كونسولخانا ئېچىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تىبەت ئىشلىرى ئىشخانىسىغا چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ، يۈننەن ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش ھوقۇقىنى بېرىش قارار قىلىنغان.
قارارنامىدا يەنە 2002 - يىلىدىكى تىبەت قارار لايىھىسىدىكى بەزى لايىھىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەتتە كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق تىبەتكە ساياھەتكە بارىدىغان ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش قارار قىلىندى.