ئامېرىكا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى پىلانىنى داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دائىملىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاشتون كارتېر پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىدە سۆزلىگەن سۆزىدە گەرچە خامچوت مەسىلىسى جىددىيلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك مەركەزنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا يۆتكەش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر سۆزىدە ھەقىقەتەن ھازىر بەزى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالىشىغا نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارىشىنىڭ ئاساسى بارلىقى، بىراق ئامېرىكىنىڭ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىستراتېگىيىلىك مەركەزنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەش ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنتى ئوباما تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئۇ ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋسترالىيىدە ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزۇشقا كېلىشكەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەركەز قىلىش پىلانىغا نىسبەتەن خىتاي رەھبەرلىرى جىددىي قارىماقتا. تەھلىل مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇ پىلاننى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچىنى چەكلەش دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە بولسا، ياپونىيە بىلەن خىتاي سېنكاكو ئارىلىنى مەركەز قىلىپ كۈرەش قىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە خىتايغا قانداق سىياسەت قوللىنىش ۋە خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسى پرېزىدېنت سايلىمىدىكى مۇھىم تېما، ھەر ئىككىلا نامزات ئوباما بىلەن رومنېي بۇ مەسىلىنى تەكىتلىمەكتە.