رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىغا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 7 - سېنتەبىر ئامېرىكىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.


باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ھۆكمەتكە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر كېڭەش 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقاللىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدىكى ئالىي تەتقىقاتچىلار ۋە بىر قىسىم مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان. يىغىن يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇلىغاچقا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلەرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىكەن.

خانىمنىڭ يىغىنغا تەييارلىغان نۇتقىنى ئالىم سېيىتوف ئىنگلىز تىلدا ئوقۇپ ئۆتكەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىغا قارىغاندا، نۇتۇقتا ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىنى مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرۈشنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىناۋىتى ۋە دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا يەنە، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر لېدىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يېقىن كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قۇرۇشقا چاقىرغان.