باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى شارائىتنى ياخشىلاشقا ۋەدە قىلىپ، رايوننىڭ پارتىيە سېكرىتارىنى ئالماشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە يىغىننىڭ مۇددىئاسى، يېڭى تەرەققىيات پىلانى شىنجاڭنىڭ كېلەچىكىگە قانداق تۈس بېرىدۇ ؟ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىگە ھەقىقىي چارە - تەدبىر تاپامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر كونترولى بىزنىڭ رايوندىكى ۋەقەلەرنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" دە 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، 5 - چىسلا كېچىسى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئۆلگەن ئادەم سانىغا نىسبەتەن چوڭقۇر گۇمانى بار بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.