ئامېرىكىدا خىتاينىڭ تېخنىكا جاسۇسلۇقىغا ئائىت ۋەقەلەر ئاشكارىلاندى
2012.02.09
ئەيىبنامىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزى سىچۈەندە تۇرۇشلۇق پەنگاڭ شىركىتى كالىفورنىيىدىكى قاناللىرى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ داڭلىق خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى «دۇپونت» نىڭ بىر قانچە مۇھىم تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغان.
بۇنىڭدىن سىرت، چارشەنبە كۈنى چىكاگو سوت دائىرىلىرى خىتايغا چېتىشلىق يەنە بىر تېخنىكا جاسۇسلۇق دېلوسىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا پۇقراسى بولغان خەن جۈەنجىن ئەسلى موتورولا شىركىتىنىڭ ئېنژىنىرى بولۇپ، ئۇ 2007-يىلى موتورولا شىركىتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكلىرىگە ئائىت بىر چامدان ھۆججەت بىلەن كېتىۋاتقاندا چىكاگو ئايرودرومىدا قولغا چۈشكەن.
ئامېرىكا سوت دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭ «سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش جىنايىتى» نى بېكىتكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىكى «ئامېرىكىغا قارشى ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزۈش» دەيدىغان ئەيىبنامە ئاغدۇرۇلغان. سوت دائىرىلىرى «خەن جۈەنجىننىڭ بۇ ھەرىكىتى موتورولا شىركىتىگە خائىنلىق قىلىش بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن خەن جەنجۈن ئۆزى پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىككىنچى ۋەتىنى ئامېرىكىغا خائىنلىق قىلدى، دېگەن مەنىنى چىقارغىلى بولمايدۇ» دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، خەننىڭ جىنايىتى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارار 4-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى خىتايغا چېتىشلىق تېخنىكا جاسۇسلۇق ۋەقەلىرى خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئاشكارىلاندى. ھازىر كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارغا قىزىقماقتا، بۈگۈن شى جىنپىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىنغا تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنىڭ سېگنالىنى بەرگەن.