خىتاي بىلەن ئامېرىكا نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەكسىچە، ھەربىي جەھەتتە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالماي كەلمەكتە. ئۆتكەن سېنتەبىر ئېيىدىمۇ ئامېرىكا تەيۋەنگە ف-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي سۆھبەتنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ياكى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا يۇقىرىدىكىنىڭ ئەكسىچە «بىز ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئۆز -ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا، باراۋەرلىك ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييار» دېگەن.
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئامېرىكا ئاساسلىق دىققەت مەركىزىنى ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيانغا قارىتىپ، رايوندىكى خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن ئىدى. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندا تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى بىلەن خىتاي پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، دەپ قارىماقتا. چۈنكى، خىتاينىڭ كەلگۈسى رەئىسى شى جىنىپڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ساھەدە ياخشى مۇناسىۋەت قۇرىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.