خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا ئېتىراز بىلدۈردى

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دىنىي ئىشلار كومىتېتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە خىتايدا ھەممە ئادەمنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ بۇ باياناتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن. خەۋەردە نەقىل قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ دىننى نىشان قىلىپ، دىنغا ئىشەنگۈچىلەر ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق تېرىپ، ئىناق جەمئىيىتىمىزگە دەخلى قىلماقچى بولغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇشى بىزنى تولىمۇ پاراكەندە قىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 2011-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق دىنغا ئىشەنگۈچى خەلقلەرنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن كۆرسەتكەن ئىدى.