جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي تاۋارلىرىغا قارىتىلغان قارار لايىھىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق سىياسىي ئەربابى كانتور، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلى قىممىتى مەسىلىسىدە خىتاي تاۋارلىرىغا قارىتىلىدىغان جازا خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىش قارارى، سەيشەنبە كۈنى كەچتە دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ قارارغا ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا ئىزچىل زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ مەسىلىگە قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان ھەم بۇ قارارنى 11-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇش بېكىتىلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارار لايىھىسىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىتاي ماللىرىغا قارىتا جازا قوللىنىش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپ لايىھىسىگە قارىتا قوللاش پوزىتسىيىسىدىمۇ بولمىغان ئىدى.