ئۇ ئامېرىكىدىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭغا ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
جون خانتسمەن 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنى ھازىرقى باش ئەلچى گەرىي لوكتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان ئىدى. ئۇ باش ئەلچى مەزگىلىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا بىر تەنقىدىي پىكىر بايان قىلمىغان ئىدى. جون خانتسمەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىلىش ئۈچۈن سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان. ئۇ مەزگىلدە رىقابەتچىسى مىت رومنېينىڭ خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، «ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ئىككى چوڭ دۆلەتنى ئۇرۇش گىردابىغا سۆرەپ بارىدۇ» دېگەن ئىدى.
شۇنداق ئىكەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن جون خانتسمەننىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇنىڭ خىتايدىكى 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى قاتتىق خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.