خىتاينىڭ ئامېرىكا پولات مەھسۇلاتىغا باج قويۇشى چەكلەندى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى 18-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ھۆكۈم نامىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا پولات مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇش چارىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شتاتىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان دۋىگاتېل ۋە ئېلېكتر ماتورلارغا ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە پولات مەھسۇلاتىغا باج قويماقچى بولغان. ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى 18-ئۆكتەبىر سودا تەشكىلاتىنىڭ مىزانلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چىقارغان ھۆكۈمنامىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا پولات مەھسۇلاتىغا باج قويۇشنى «قانۇنسىز» دەپ، چەكلىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىمۇ 19-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا دەۋاسىدا ئىككى قېتىم ئۇتۇپ چىقىشى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، خام ئەشيا ۋە سىيرەك توپا ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلەردە خىتاي ئۇستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان.