مەزكۇر مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى شىركەتلىرىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادىل تىجارەت ئۇسۇللىرىغا خىلاپ ھالدا قۇياش ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە مالىيە ياردىمى بېرىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېكسپورتنى ئاشۇرغان. نەتىجىدە، خەلقئارا قۇياش ئېنېرگىيە بازىرىدىكى باھا قالايمىقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قۇياش ئېنېرگىيە شىركەتلىرى زىيان تارتقان.
خىتاي بولسا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ داۋاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئەركىن سودا قائىدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى شىركەتلىرى يۇقىرىدىكى تەدبىر ئىجرا قىلىنسا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ زورىيىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىش ئىمكانىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.